خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت يەتتىدىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، يول بويىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاپ ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىنى بىر كېچە لەرزىگە سالغان خوتەندىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالا ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، 1400 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە تاماملىنىپ، ئەسلىدە 20 سائەتلىك يول 13 سائەتكە قىسقاردى. 22-دېكابىر كېچە سائەت 10غىچە، بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىش باشلاندى. دوختۇرخانا تەرەپ بالىنىڭ ھېلىمۇ ۋاقتىدا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى