باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىرئەلىجان «جەينەكلەپ ئۆچ ئېلىش» سەۋەبلىك تۆت مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىلدى

جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى رېپىرنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىدى

2016.12.22 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى 21-دېكابىر CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 19-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ بىلەن تيەنجىننىڭ مۇسابىقىسىدىكى «جەينەك ۋەقەسى»گە قارىتا ئالاقىدار جازالاش ئېلىپ باردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جەرىمانە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى شىرئەلىجانغا چىقىرىلدى، ئۇ «تەنتەربىيە ئەخلاقى ھەرىكىتىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان»لىقتىن، تۆت مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەندى.

  شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا تيەنجىن كوماندىسى بىلەن دەسلەپكى چارەك مۇسابىقىدە، شىرئەلىجان بىلەن قارشى تەرەپ ماھىرى جاڭ جىنىڭ كۆپ قېتىم جەينەكلەش ھەرىكىتى كۆرۈلدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ بەش مىنۇت 21 سىكونت بولغاندا، شىرئەلىجاننىڭ مۇشتى جاڭ جىنىڭ بېشىغا تېگىپ، جاڭ جىنى يېقىتىۋەتتى، رېپىر سىنئالغۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىككىسىنى تەڭلا جازالاپ، مەيداندىن چۈشۈرۈۋەتتى. مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن، مۇسابىقىدە بىۋاسىتە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان توپچى ئۆزلۈكىدىن كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، لېكىن جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئىنتىزام كومىتېتى شىرئەلىجاننىڭ قىلمىشى «تەنتەربىيە ئەخلاقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دەپ قاراپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىدى ۋە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بەردى.

  بىرلەشمە مۇسابىقە ئىنتىزام كومىتېتى مۇسابىقە جەريانىدا جاڭ جىنىڭ بەزى مۇداپىئە ھەرىكەتلىرى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن، ھەتتا يوشۇرۇن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بار، ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ۋە يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 50 مىڭ يۈەن كۇلۇبلار بىرلەشمە مۇسابىقە خىراجىتى كېمەيتىلدى. كوماندا باشلىقى جاڭ ئەيجۈن، تېرىنېر لى چيۇپىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر