خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايىمگۇل ھەسەن خەۋىرى) بۇ يىل قەشقەر شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش، بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈم نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر تۈركۈم» نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ياخشى ئاساس سالدى. ھازىرغا قەدەر، 29 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، 11 مىڭ 236 ئائىلىدىكى 48 مىڭ 585 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
قەشقەر شەھىرىدە نۇقتىلىق يۆلەيدىغان جەمئىي 66 كەنت بار بولۇپ، 16 مىڭ 706 ئائىلىدىكى 71 مىڭ 945 نامرات كىشىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلدى. سەمەن يېزىسىنىڭ ئاتاغۇ كەنتى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى قەشقەر شەھىرى بۇ كەنتنىڭ دۆلەت يولى 314- لىنىيەسىگە تۇتاش بولۇشتەك قاتناش ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈش تەدبىرى ئارقىلىق ئاھالىلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى دۆلەت يولى ئەتراپىغا قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە كېيىنكى تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
نامرات ئاھالە ياسىن توختى بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يىل پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە يېڭى ئۆي سالدى، ئۆيىنىڭ 2-، 3- قەۋىتىدە ئۆزلىرى تۇردى، 1-قەۋىتىگە ئۈچ ئېغىز دۇكان چىقىرىپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى ياكى دۇكانلىرىنى ئىجارىگە بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.
قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسى ئاتاغۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە جەمئىي 87 نامرات ئائىلە، 328 نامرات كىشى بار. «تۆت بىر تۈركۈم» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئارقىلىق ھازىر ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات كەنت دەيدىغان نامراتلىق قالپىقىمىزنىمۇ چۆرۈپ تاشلىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە بىز كۆكتات تېرىقچىلىقى ۋە ھويلا - ئارام ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
نامراتلارغا تۈجۈپىلەپ ياردەم بېرىش جەريانىدا، قەشقەر شەھىرى ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، «بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل ئاۋات يېزىسىنىڭ توقام مەھەللىسى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق شەمشىقەمەر سۇلايمان ئەر - ئايال ئىككەيلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمىنى 27 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلاپ، يېڭى ئۆيمۇ سېلىۋالدى.
بۇ يىل قەشقەر شەھىرىدىكى جەمئىي 29 نامرات كەنت ئارقا - ئارقىدىن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 11 مىڭ 236 ئائىلىدىكى 48 مىڭ 585 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. نامراتلارغا يار - يۆلەك بولۇش تۈرلۈك مەبلىغىدىن 1 مىليارد يۈەن سېلىنىپ، ئاھالىلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 43 ى قۇرۇلدى، 14 مىڭ 913 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، ھاۋالىلىك قەرز پۇلىدىن 230 مىليون يۈەن تارقىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى