خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغان بۈگۈنكى كۈندە، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەر يېزىسىدىكى مەكتەپلەر 22-دېكابىر «ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق مەكتەپ مۇھىتى بەراپ قىلايلى» باش تېمىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى دالا پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىقلار ئارا، ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياش ئايرىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: 22-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش دالا پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى