باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا ئادەم ئورگانىزمىنى تەقدىم قىلىشنى تىزىملىتىشتا ئالىپاي يولى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى

تىزىملىتىشقا پەقەت 10 سېكۇنتلا كېتىدۇ

2016.12.23 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قارىمىقىدىكى ئادەم ئورگانىزمىنى كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 22-دېكابىر ئالىپاينىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسىدا «ئەزالارنى ئىئانە قىلىشنى تىزىملىتىش» ئىقتىدارىنى تورغا چىقاردى. ھەق تۆلەش گۆھىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر بىر كۇنۇپكا بىلەن تىزىملىتىشنى تاماملىيالايدۇ، بۇ جەريانغا كېتىدىغان ۋاقىت 10 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئورگانىزمىنى تەقدىم قىلىشنى تىزىملاش خىزمىتى «ئالاقە تورى +» دەۋرىگە قەدەم قويدى.

  ئالىپاي ئابونتلىرى APP باش بېتىدە «داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى»نى ئىزدەپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سۇپىسىغا كىرگەندىن كېيىن، «ئەزا تەقدىم قىلىشنى تىزىملىتىش» كۆزنىكى ئارقىلىق تىزىملاش بېتىگە كىرەلەيدۇ، بۇ بەتنى جۇڭگو ئەزالارنى كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر