باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى

2016.12.23 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى» نىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

  بىرىنچى باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1-ماددا: پارتىيە 18-قۇرۇليىتى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باھالاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار پارتىيە ئىچى قانۇن-نىزاملىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى بويىچە، بۇ چارە تۈزۈلدى.

  2-ماددا: بۇ چارە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاشتا قوللىنىلىدۇ.

  3-ماددا: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاشتا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوخشاش مەسئۇل بولۇش، يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبىرىي ئەزالىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە «بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت» نى ئوبيېكتىپ، ئادىل، ئىلمىي، ئۆلچەملىك، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە ئادا قىلىدۇ.

  4-ماددا: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاشتا، بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە ساھەسىگە ئالاقىدار مەخسۇس باھالاش ئاساسىدا ئۇنىۋېرسال باھالىنىپ، تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ، يىللىق باھالاش ۋە بەش يىللىق باھالاش يولغا قويۇلىدۇ.

  باھالاش مۇھىم نۇقتىسى: جايلارنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ئەھۋالىنى باھالاپ، جايلارنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يىلدا بىر قېتىم باھالايدۇ. باھالاشتا، جايلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر بەش يىللىق پىلان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قېتىم باھالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر