باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنولارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.12.23 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى، نۇر مۇھەممەت شەمشىدىن فوتوسى) شىنجاڭنىڭ «ئوسكار مۇكاپاتى» دەپ نام ئالغان «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنولارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 22-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مىكرو كىنولارنى مۇكاپاتلاش مۇسابىقىسىدە بەش ئەسەر ئايرىم-ئايرىم ئوخشىمىغان يەتتە تۈر بويىچە مۇكاپاتلاندى.

  «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى شىنجاڭ تېلېگرافى بىلەن شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىكرو كىنو مۇسابىقىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن مەخسۇس كەسپىي باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە تىللاردا ئىشلەنگەن 500 دىن ئارتۇق ئەسەر ئىچىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 60 ئەسەرنى باھالاشقا تاللىغان. باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قايتا-قايتا باھالىشى نەتىجىسىدە 22 ئەسەر توردا ئېلان قىلىنىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسى ۋە تورداشلارنىڭ تاشلىغان بېلەت سانىغا ئاساسەن بەش پارچە ئەسەر ئاخىرقى يەتتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  مۇسابىقىدە ياش رېژىسسور جۈرئەت ۋايىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە ئېلپ ئىشلىگەن «دادامنىڭ ئايالچە ۋېلىسپىتى» ناملىق ئەسەر ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئاكتىيور ۋە ئەڭ نادىر فىلىم قاتارلىق ئۈچ تۈردە مۇكاپاتلاندى. ئەلشىر ئەكبەر، مۇزەپپەر مۇختەر، ئەلفىرە فېردون، ئابلەت جېلىل قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇنتاژ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوپېراتور، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئاكتىيور، ئەڭ مۇنەۋۋەر سىنارېست مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بۇ قېتىمقى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاد سۇلتان مۇنداق دېدى: ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى كىنو ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىنو ناھايىتى چوڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە سەنئەت، كىنونىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى. كىنو ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ، ئادەمنى تەربىيەلەيدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ كىنو ساھەسىگە ھەۋەس قىلىدىغان، بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنى قوزغىتىش ھەم ئۇلارغا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن «كۆرك لوڭقىسى»دىن ئىبارەت مىكرو كىنو مۇسابىقىسىنى روياپقا چىقاردۇق. ياخشى فىلىم، ئاكتىيور، سىنارېست، ئوپېراتور، مونتاژلارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ھەم بۇ كەسىپتە ئوقۇۋاتقانلارغا ئىلھام ھەم مەدەت بەردۇق. ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەزمۇنى ساغلام، ئىدىيەسى ئاكتىۋال، ياخشى، تەسىرلىك فىلىملەرنى ئىشلىگەنلىكىدىن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندەك بولدۇق.

  جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى «كۆرك ئېكرانى»نىڭ باش نازارەتچىسى مەرھابا سۇلتان مۇنداق دېدى: «كۆرك ئېكرانى» قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولدى. كۆرك يانفون ئەپ دېتالى ۋە كۆرك يانفون قۇتىسىغا نۇرغۇن مەزمۇنلارنى توپلاش جەريانىدا جۇڭگونىڭ ۋە چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىنى يىغىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى ھېس قىلدۇق. تورلارنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىنىڭ كەملىكىنى بىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى كىنو ساھەسىگە ھەۋەس قىلىدىغان ياش كۈچلەرنى قىزىش ۋە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، 2015-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. 2-قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر بۇلتۇرقىدىكىدىن خېلىلا كۆپ بولغاچقا، ئەسەرلەرگە ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، تېخنىكا جەھەتتىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، رىقابەتمۇ ئىنتايىن كەسكىن بولدى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىمۇ ئىنتايىن غەلىبىلىك تاماملاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن كېيىن «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى ھەر يىلى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇكاپات تۇرى ۋە قوشۇمچە پائالىيەتلىرى سەرخىللاشتۇرۇلىدىكەن. 3-نۆۋەتلىك «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى تەييارلىق خىزمەتلىرى 2017-يىلى 4-يانۋاردا باشلىنىدىكەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆرك مىكرو كىنو مۇسابىقىسى كارخانا ۋە كارخانىچىلار بىلەن ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى ۋە سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر