باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11- ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3894 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.12.23 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 22-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلشىچە، 2016-يىلى 11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3894جەمئىي مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 5550 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، 3987 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 139 ئورگىنى، 106 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئايدا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى.

  ئېلان قىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2016-يىلى 11-ئايدا، 3894 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ 93 ى قائىدىگە خىلاپ ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىشقا، 740 ى قائىدىگە خىلاپ سوۋغا تەقدىم قىلىشقا، 575 ى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى قائىدىگە خىلاپ ئىشلىتىشكە، 550 ى قائىدىگە خىلاپ كاتتا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرى ئۆتكۈزۈشكە، 462 سى قائىدىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىشكە، 271 ى ئۆلچەمدىن ئارتۇق مېھمان كۈتىۋېلىش، قوبۇل قىىلش ياكى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي تۇرالغۇغا كىرىش-چىقىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ تۇرالغۇ مەسىلىسىگە، 220 سى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا، 83 ى قائىدىگە خىلاپ ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرگە چېتىلىدۇ. 11-ئايدا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە، ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 51 ى، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 328 ى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر