- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز سان تومې ۋە پرىنسىپېنىڭ تەيۋەن بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى»گە قارىتا ئىپادە بىلدۈردى
بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى
2016.12.23 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 22-دېكابىر، جۇڭگو پۇل دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىپ سان تومې ۋە پرىنسىپېنى تەيۋەن بىلەن بولغان «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش»كە ئازدۇردى، دېگەن گۇمانغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جوڭگۇ پىرىنسىپى — ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن پىرىنسىپتا سودىلاشمايدۇ.
خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى. جۇڭگو سان تومې ۋە پرىنسىپېنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى توغرا يولىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ. بۇ ئادالەتنىڭ كىشىلەر كۆڭلىدىن چىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
خۇا چۈنيىڭ: «بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قانداقمۇ پۇل بىلەن سودىلاشقىلى بولسۇن؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن پىرىنسىپتا سودىلاشمايدۇ. تەيۋەن تەرەپتىكى قىسمەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا، مەن بۇنى پەقەتلا <پەسلەرنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئالىيجاناپلارغا باھا بېرىش> دېيەلەيمەن»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر