باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شىمالىي قىسىمدىكى ھەلەب شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.12.23 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب شەھىرىدە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ چېكىنگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە. سۇرىيە ھەربىي تەرەپ 22-دېكابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي قىسىمدىكى ھەلەب شەھىرى ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چېكىنىپ چىققانلىقىنى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب شەھىرىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا: بۇ غەلىبە سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ۋە بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا بولغان مۇھىم بىر زەربە، بۇ غەلىبە كېيىنكى باسقۇچتا سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاپ، سۇرىيەنىڭ ھەربىر غېرىچ زېمىنىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى، دېيىلدى.

  سۇرىيە ھەربىي تەرەپ باياناتىدا، بارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار قورال تاشلاشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر