باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ۋە قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيە ئېيى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2016.12.23 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئاساستا ئىناق، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش يۈزىسىدىن، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللە كومىتېتى بىلەن توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىرلىكتە، قىش پەسىلىدىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاممىغا «پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ۋە قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيە ئېيى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پىلان بويىچە، 1-ئۆكتەبىرىدىن باشلاپ تەۋەلىكىدىكى ئاممىنى تۈركۈملەر بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئالتە قاراردا 1670 تىن ئارتۇق كىشى تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى بىلىملىرى ۋە قانۇن-تۈزم تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر