باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئاتا-ئانىلارنى خۇش قىلدى

2016.12.23 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر كۈنى چۈشتە مەكتەپتە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ھازىر يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنلۈكى تۈرى كۆپ، ئۆزگىچە تەملىك تاماقلار بىلەن غىزالىنالايدىغان بولدى. ئاتا-ئانىلار خۇشال ھالدا: «پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى قەلبلەرنى ئىللىتتى، پەرزەنتىمىز ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولغاننىڭ سىرتىدا، ھەر كۈنلۈكى يەنە ھەقسىز تاماق يېيەلەيدىغان بولدى. پارتىيەگە رەھمەت! پەرزەنتىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، ۋەتەن ئۈچۈن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز» دېيىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر