باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى شوپۇرسىز يەر ئاستى پويىزى قاتنىدى

2016.12.23 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ تۇنجى شوپۇرسىز يەر ئاستى پويىزى شياڭگاڭدا قاتنىدى. شياڭگاڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى نەنگاڭ ئارىلى لىنىيەسى 19-دېكابىر يەر ئاستى پويىزى قاتناش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان يەر ئاستى پويىزىنى جۇڭگو رېلىسلىق قاتناش ئاپتوموبىل گۇرۇھى چاڭچۈن رېلىسلىق قاتناش ئاپتوموبىل پاي شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتوماتىك پويىز كونترول قىلىش سىستېمىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، كابىنكىسىز ئاپتوماتىك پويىزنى ئىشلىتىشى بولۇپ، تامامەن مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە.

  ئىگىلىنىشىچە، نەنگاڭ ئارىلى ئومۇمىي لىنىيەسىدە 10 پويىز بولۇپ، ئۇلار ئۈچ پويىزدىن تەركىب تاپقان داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئا شەكىللىك يەر ئاستى پويىزى، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. پويىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتوماتىك كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ ئاپتوماتىك قوزغاش، ھەرىكەتلىنىش، كاشىلىنى ئاپتوماتىك تېپىپ چىقىش، ئاپتوماتىك تازىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جۇڭگو رېلىسلىق قاتناش ئاپتوموبىللىرى گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە بېيجىڭدا سېلىنىۋاتقان فاڭشەن لىنىيەسىنىڭ ئۇزارتىلغان لىنىيەسىمۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ شوپۇرسىز يەر ئاستى پويىزى ۋە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ لىنىيەدە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدۇ. ھەرىكەت جەريانىدا ھەرىكەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، ئادەم قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئەسۋاب ۋە سىستېمىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر