خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك چوڭ تۈرلەر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى تۇنجى ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز بېيجىڭدىكى S1 شىمېنيىڭ پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا پويىزنى سىناق قىلىپ تەڭشەش باشلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2017-يىلى پويىزدا يولۇچى توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
بۇ S1 لىنىيەسىدىكى ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ لايىھىدىكى سائەتلىك سۈرئىتى تەخمىنەن 100 كىلومېتر بولۇپ، ئەنئەنىۋى رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ماگنىتلىق لەيلىمە قاتناشنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، ئايلىنىش رادىيوسى كىچىك بولۇش، دۆڭگە يامىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، شاۋقۇنى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، S1 لىنىيەسى بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى ماگنىتلىق لەيلىمە لىنىيە بولۇپ، غەربتە مېنتوگو رايونىنىڭ شىمېنيىڭ بېكىتىدىن باشلىنىپ، شەرقتە شىجىڭشەن رايونىنىڭ پىڭگويۈەن بېكىتىگە يېتىپ بارىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى