باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى باياناتى

2016.12.23 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-نۆۋەتلىك جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى 20-دېكابىر لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى باياناتنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى داۋاملىق ئۇزاق مۇددەت قوللاش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستاننىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ، ئافغانىستانلىقلا يېتەكچىلىك قىلغان، ئافغانىستانلىقلارغا تەۋە بولغان سىياسىي ۋە يارىشىش مۇساپىسى ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ ئىچكى توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ياردەم بېرىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر