باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقىغا قارىتا جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.12.30 15:24   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقىغا قارىتا جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ساقچىلار رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرماقتا.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 29-كۈنى، رۇسىيە تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشقا چېتىشلىق، دەپ گۇمان قىلغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى رۇسىيەنىڭ 35 نەپەر دىپلوماتىيە خادىمىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئوباما شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئاخبارات باش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق بەش رۇسىيە ئەمەلىي گەۋدە ئاپپاراتى ۋە رۇسىيە ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ تۆت نەپەر يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارىغا قارىتا جازالاشنى يولغا قويدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 29-دېكابىر رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە رۇسىيەنىڭ سان فىرانسېسكودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ 35 ئەمەلدارىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بىلەن دىپلوماتىيە سالاھىيىتىنىڭ ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى 72 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى نيۇ يورك ئىشتاتى ۋە مارىلاند ئىشتاتىدىكى ئىككى جايدىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىلكىدىكى ئۆي-مۈلۈكنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
    ·خەلق تورىدا «ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى» ئېلان قىلىندى
    ·شىنجاڭدا 2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 26 مىڭ ئادەم تىزىملاتت…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «13-بەش يىل»لىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەر…
    ·تۇمان-تۈتەك ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، 4G تورى ئارقىلىق ئوقۇتۇش «كارامىتىنى كۆرسەتتى»
    ·تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئاتاقلىق ئەربابلار بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى توغرىسىدا توختالدى
    ·ئالىپوف ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بولدى
    ·مىرزىيايېف قەسەم بېرىپ ئۆزبىكىستان زوڭتۇڭى بولدى
    ·قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى