باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى يىلدا شىنجاڭغا كىرىدىغان ئايروپىلاندا شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئايروپىلانغا قارىغاندا ئېتىبار كۆپ بولىدۇ

بېيجىڭغا بېرىپ-كېلىش پەقەتلا 1172 يۈەن بولىدۇ

2016.12.29 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا ساياھەتكە چىقماقچى بولغان شەھەر ئاھالىلىرى تېزدىن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋلسا بولىدۇ، قىسمەن ئايروپىلان بېلىتى پويىزنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتىدىنمۇ ئەرزان بولىدۇ.

  27- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى، ئالى ساياھىتى، شيېچېڭ تورى ھەمدە جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شېركىتى، خەيخاڭ ئاۋىئاتسىيە شېركىتى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە گوروھلىرىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىللىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىن نۇرغۇن شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى باھاسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  2017- يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 1- ئاينىڭ 2- كۈنى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ كۈن بولىدىكەن. مۇخبىرنىڭ جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ بازار بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ھازىر ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىنىڭ يۇقىرى دولقۇن مەزگىلى، ھەمدە شىنجاڭغا كىرىشىنىڭ تۆۋەن دولقۇن مەزگىلى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار چاغان مەزگىلىدە سەپەر قىلىپ شىنجاڭدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ بايرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئايروپىلاندا ئاساسەن بوش ئورۇن يوقكەن. لىكىن شىنجاڭغا قايتىدىغان ئايروپىلاندا نۇرغۇنلىغان بوش ئورۇن بار ئىكەن. شۇڭا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭغا كىرىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا جىق ئېتىبار قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەر يىلى چاغان ۋە دۆلەت بايرىمىدىن كىيىنكى مەزگىللەردە، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى پۈتۈن يىل بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، بەزى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا بارىدىغان ئالاھىدە باھالىق بىلەت چىقارغان بولۇپ، ئۇ خىل بىلەتلەر پويىز بىلىتىدىنمۇ ئەرزان بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر