باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىچىدە پويىز بىلىتىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلدى، چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى ئەڭ تىز سېتىلىدىغان بىلەت بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ

2016.12.28 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- دېكابىردىن باشلاپ، قەمەرىيە 12- ئاينىڭ 28- كۈنى (2017- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى)نىڭ پويىز بىلىتى ئىنتىرنىت تورى، تېلفون ۋە يانفون ئارقىلىق سېتىلىدۇ، شۇ كۈنى 2016- يىلىدىكى بىلەت سېتىۋېلىش ئەڭ قىيىن بولغان بىر كۈن دىيىلىدۇ.

  ئىگىلىشىمىزچە، شىنجاڭدىكى يولۇچىلارنىڭ چاغان ئالدىدىكى سەپەرگە چىقىش ئادىتىگە ئاساسەن، يولۇچىلار ئېقىمى ئادەتتە چاغاندىن بۇرۇنقى بىر ھەپتىگە مەركەزلىشىدىكەن، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ، ھەمدە 1- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە شىنجاڭ ئىچىدە سەپەر قىلىدىغان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلىدىكەن. شۇڭلاشقا 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىدىغان ۋە شىنجاڭ ئىچىدە سەپەر قىلىدىغان يولۇچىلار مەركەزلىك ھالدا ئوتتۇرا ياكى قىسقا يوللۇق سەپەرگە چىقىدىكەن.

  پويىز بىلىتىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرى ئىككى خىل بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، توردا بىلەت زاكاس قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق سېتىۋېلىش ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت. توردا بىلەت زاكاس قىلىش سۇپىسى تۆۋەندىكىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى: ئىنتىرنىت تورى (www.12306.cn)، تېلفون (95105105) ۋە يانفوندىكى "تۆمۈر يول 12306" نومۇرلۇق ئەپ قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئالدىن سېتىش ۋاقتى 30 كۈن؛ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىۋېلىش دېگەندە، ئاساسلىقى پويىز ئىستانسىسى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدىكى بىلەت سېتىش كۆزنىكى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىن سېتىش ۋاقتى 28 كۈن.

   توردا بىلەت زاكاس قىلىشنىڭ ئالدىن سېتىش ۋاقتى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا قارىغاندا ئىككى كۈن بۇرۇن بولىدۇ، يەنى، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق ساتقان بىلەت توردا بىلەت زاكاس قىلىشتىن ئېشىپ قالغان بىلەت بولىدۇ. ئەگەر يولۇچى توردا بىلەت قالمىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇنداقتا پويىز ئىستانسىسى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدىكى بىلەت سېتىش كۆزنىكى قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاشلا بىلەت يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا يولۇچىلار پويىز ئىستانسىسىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش بىلىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قارىغۇلارچە ئۆچرەت تۇرۇپ، ۋاقىت ئسراپ قىلشنڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تۆمۈر يول تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، نۆۋەتتە پويىز بىلىتى قىس بولىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئىمكانقەدەر تور سۇپىسى ئارقىلىق بىلەت سېتىۋېلىش كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى ۋوگزالدىكى بارلىق بىلەت سېتىش كۆزنەكلىرى ئېچىۋېتىلگەن، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس كۆزنىكى ۋە ئىشلەمچىلەر مەخسۇس كۆزنىكى دېگەندەك كۆزنەكلەر تەسىس قىلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ بىلەت سېتىۋېلشى ھەمدە بىلەت ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر