باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇزۇن مۇددەت تىجارەتنى توختىتىپ قويغان 4000دىن ئارتۇق كارخانا «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلىدۇ

2016.12.28 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانا رويخەتكە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، يىللىق دوكلات ۋە باج تاپشۇرۇلمىغان ھەمدە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىق سەۋەبلىك، ئۈرۈمچىدىكى 4000دىن ئارتۇق كارخانا «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلىدۇ.

  12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ كاخانىلار «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ كارخانىلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ، كىرېدىتتا چەكلەش ۋە بىرلەشمە جازالاشنى يولغا قويىدىكەن. بۇ كارخانىلارغا ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشتا خېرىدار چاقىرىش، توختام ئىمزالاش، بانكا كرېدىتى، ئىلغار بولۇپ سايلىنىش، سالاھىيەتنى بېكىتىش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمە قويۇلىدىكەن ياكى چەكلىنىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا باشقۇرغۇچىلار ۋە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشى، شەخسىي قەرز ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلى ئۈچ يىل ئىچىدە باشقا كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىلىك، مەسئۇل خادىمىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا بولمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر