باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پارتىيەگە مەدھىيە-بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتەيلى» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2016.12.28 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-دېكابىر ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسى ئىچىگە پانۇسلار ئېسىلغان، رەڭگارەڭ گۈللەر تىزىلغان بولۇپ، بايرام كەيپىياتىغا چۆمىگەنىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرى، 8-تۈركۈمدىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر ئىختىساسلىقلىرى، 9-تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400دىن كۆپرەك كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «پارتىيەگە مەدھىيە-بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتەيلى» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر ئىختىساسلىقلار ئۆزلىرىنى شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ بىر قىسىمى دەپ قاراپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، دوست بولۇپ، سىڭىشىپ، ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى.

  تىيانشان رايونىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى ۋەكىلى مەمەتجان ئابدۇراخمان پائالىيەت نەق مەيدانىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپ يىلدىن بۇيان بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، سىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى دوستى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى تارقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر