باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى تىجارەت باشلىدى

2016.12.28 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىدە 27-دېكابىر تىجارەت باشلاندى. شۇ كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگتىن ئۈرۈمچىگە قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىمۇ لىق مال بىلەن كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە توشۇش مەركىزىگە كىردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلىمىزنىڭ شىئەن، چىڭداۋ، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىن كېيىنكى 2- تۈركۈمدە كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى قۇرغان شەھەر بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى يادرولۇق رايونىدا قۇرۇلغان. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 364 مو، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى تاموژنا كونتېينېر ماشىنىسىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر