باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو تىرامپنىڭ «قاتتىق قوللار»نى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

2016.12.28 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، جۇڭگوغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىدىغان پېتېر ناۋاررو (Peter Navarro)نىڭ ئاق ساراي دۆلەتلىك سودا كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىگەنلىكى جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى چۆچۈتكەن، ئۇلار بۇرۇن تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قارشى ساداسىنى تۆۋەنلىتىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. شۇڭا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتى بار، ھەمكارلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى» دېگەن.

  ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ناۋاررو ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى خەلق گېزىتىگە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا پەقەت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىگەن ۋە غەمخۇرلۇق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەتقىقات كومىتېتىدىكى سۇي فەن ئاگاھلاندۇرۇپ: «جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ سودا ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئىنكاس سۈپىتىدە قايتۇرما ھۇجۇم ھەرىكىتى قوللىنىدۇ» دېگەن.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقان سودا مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن. لېكىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت قوللانماسلىقى كېرەك، دېگەن.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شېن دەنياڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئۆز-ئارا تايىنىدۇ، «قارشىلىشىش ھەر ئىككى تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ» دېگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، تىرامپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ناۋاررو ئاق ساراينىڭ دۆلەتلىك سودا كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ «جۇڭگو گېزىتى»دىكى بىر ئوبزوردا: «يېڭى ھۆكۈمەت ئوبدان ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ھازىر تارىختىكى ئەڭ يېقىن سەۋىيەگە يەتتى، ئىككىلا تەرەپ پايدا ئالىدىغان بۇنداق مۇناسىۋەتنى بۇزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ئىككىلا تەرەپكە زىيان كەلتۈرىدۇ، خالاس» دېيىلگەن.

  ئامېرىكا ۋال كوچىسى گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو شۇ كۈنى تىرامپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن جۇڭگو سودىسىدىن گۇمانلىنىدىغان كىشىنىڭ ئامېرىكا سودا ۋە سانائەت سىياسىتىنى كونترول قىلغانلىقىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان.

  ئىقتىسادشۇناسلار ۋە تاشقى سودا تەھلىلچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى جۇڭگونىڭ ئېنىق مەقسەتلىك ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىلمى پىروفىسسورى چېڭ داۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو كېيىنچە ئامېرىكىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك سودا ھەرىكىتى قوزغاشقا كېتەرلىك ئىسپاتلارنى يىغىۋېتىپتۇ، ئۇ جۇڭگو ئوق-دورا تەييارلاۋاتىدۇ، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ھازىر چوقۇم بەك ئالدىراش، دېگەن.

  پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى Gary Hufbauerنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ نىشانى ئامېرىكىنىڭ ئاجىز ساھەلىرىگە قاراتمىلىق ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش ئىكەن.

  سودا مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى بوئىن شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىشتاتلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  جۇڭگو ھەممىباب ئاپتوموبىل قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ياكى بىرەسمىي سودا قورغىنىنى ئىشلىتىپ ئۆچ ئېلىشقا تىرىشىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر