باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

يىللىق توشۇش مىقدارى 60 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ

2016.12.28 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلاردىن بولۇپ 17 كارخانا بىلەن يول ۋە كارخانىلار ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىمزالانغان كېلىشىمدىكى يىللىق توشۇش مىقتارى 60 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

  كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شېنخۇا شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال خىمىيە سانائىتى سېتىش شۆبە شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلاردىن بولۇپ 17 كارخانا ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۈرۈمچى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، قۇمۇل قاتارلىق بەش رايوندىكى تۆمۈر يول مال تىرانسپورت مەركەزلىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم شۇ جايدىكى 30دىن ئارتۇق كارخانا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئۆز ساھەسىدىكى بايلىق، تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىسى، باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يول ۋە كارخانىلار ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ بولغان تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىشقا پۈتۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر