باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا «زەھەرلىك ھاراق» ئىستېمال قىلىش سەۋەبى بىلەن 26 كىشى ئۆلدى

2016.12.28 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى توبا تېك سىنگى رايونىدىكى بىر قىسىم ئامما مىلاد بايرىمى مەزگىلىدە، سۈپىتى ناچار ھاراق ئىچكەنلىكتىن زەھەرلىنىپ، نۆۋەتتە ئاز دىگەندە 26 ئادەم قازا قىلغان، يەنە نۇرغۇن ئادەم ھوشىسىز ھالەتتە ئىكەن.

  شۇ يەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 50 ئادەم مىلاد بايرىمى كۈنى كەچتە ئۆزلىرى ئېچىتقان ھاراقنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن زەھەرلەنگەن، زەھەرلەنگەن بىر قىسىم كىشىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قازا قىلغان. نۆۋەتتە، يەنە بەزى زەھەرلەنگۈچىلەر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار يېقىن ئەتراپتىكى فەيسالئاباد شەھىرىگە قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن.

  شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، سۈپەتسىز ھاراق ساتقان ئىككى جىنايەت گۇماندارىمۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر