باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى يەنە كەسكىنلەشتى

2016.12.28 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىپ تۇرغان پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى كېڭەيتكەنلىكتىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشتى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تەختكە چىققاندىن كىيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى، يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئىشغالىيەت زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەلىلىرى قۇرۇشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنى بۇ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى، ئامېرىكا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن بۇ قارار ماقۇللاندى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا بولدى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 24- دېكابىر كەچتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 23- دېكابىر ماقۇللىغان ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىلار مەھەلىلىرىگە ئالاقىدار بارلىق پائالىيەتلەرنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىنى يەنە بىر قېتىم سۆكتى.

  ئامېرىكا 23- دېكابىردىكى ئاۋاز بېرىشتە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن بۇ قارار ماقۇللاندى، بۇنىڭغا قارتا، نىتانىياخۇ ئوباما ھۆكۈمىتىگە قارتا ئەڭ كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوغدىماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەردە ئارقىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىبلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىندا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. كېلەر يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالماشسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قاراردا، ئىسرائىلىيە 1967- يىلدىن بۇيان شەرقىي يېرۇسالېمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن ئىشغالىيە زېمىنىدا تەسىس قىلغان يەھۇدىيلار مەھەللىلىرى ھېچقانداق قانۇنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا قانۇنغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ھېسابلاپ، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن ئىشغالىيەت زېمىنىدىكى يەھۇدىيلار مەھەلىلىرىگە ئالاقىدار بارلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى تەلەپ قىلدى.

  بۇ قېتىم خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان قارارنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرى ماقۇللىغان قارار لايىھەلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن بىردەك بولدى. 1980-يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىگە چېتىلىدىغان بارلىق قارارلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىنى قانات ئاستىغا ئىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئىسرائىلىيە 23- دېكابىردىكى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان پوزىتسىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارنىڭ ماقۇللىنىشىغا يول قويۇشدىكى مەقسىتى ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئارقىلىق پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ساقلاپ قىلىشىدىن ئىبارەت.ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پەلەستىن ئىسرائىلىيە رايونىدا تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆز ھەرىكەتلەر توختىمىدى، ئىككى دۆلەت لايىھەسىگە قارشى تۇرغۇچىلار يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا كېڭەيتمەكتە.

  چەتئەللەر ئوباما تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، ئۇنى ئىككى دۆلەت لايىھەسىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. بىراق 23- دېكابىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئۆتكەن 40 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈلمىگەن ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭىغا ئايلاندى. ئىككى دۆلەت لايىھەسى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنىڭ تېزدىن كېڭىشى تۈپەيلىدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كىرىزىسىگە ئۇچرىدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن ياردەمچىسى رۇس 23- دېكابىر مۇنداق دېدى: 2009- يىلدىن بۇيان، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن ئىشغالىيىتى زېمىنىدىكى يەھۇدىيلار مەسىلىسىدە 100 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئادەم كۆپەيدى، 2015- يىلى بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان نوپۇس كۆپىيىپ 150 مىڭغا يەتتى، رۇس مۇنداق دېدى: نىتانىياخۇنىڭ ئامېرىكىنى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتۈرمەسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى بار ئىدى.

  ئوباما بىلەن نىتانىياخۇ 2009- يىلى تەختكە چىقتى، ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى باشلىنىشىدىلا زىددىيەت بىلەن تولدى. ئوباما پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچ سۆھبىتىگە ئىككى قېتىم تۈرتكە بولماقچى بولۇپ، ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىيلار مەھەللىسى ئۆتكەن سەككىز يىلدا تىزدىن كېڭەيدى. يەنە بىر جەھەتتىن، پوزىتسىيەسى كۈچلۈك بولغان نىتانىياخۇ ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي، ئىسرائىلىيەگە پەلەستىنگە قارىغاندا كۆپرەك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ ھېسابلىدى.

  ئامېرىكا ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىش ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قارشى تۇرغان نىتانىياخۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بونانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قارشى نۇتۇق سۆزلىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسى رائىس بۇ ئىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىم ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى، ئاۋاز بېرىش ھارپىسىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئوباما بىلەن كېررىنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلىپ، بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلىيەگە قارشى لايىھەسىنى تۈزۈشتىكى پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى دەپ ئەيىبلىدى، بىراق بۇ ئامېرىكا ئاق سارىيىنىڭ كۈچلۈك رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد بار.

  تىرامپ 22-دېكابىر زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ ۋەزىپىگە رەسمىي تەيىنلىنىشىدىن ئىلگىرى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئاشكارا ئارىلاشماسلىق ئەنئەنىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارنى ئىنكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە بۇ قارار ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈچۈن ئادىل ئەمەس دېدى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتى ئوباما ھۆكۈمىتىگە نەسىھەت قىلىش نەتىجىسىز بولغاندىن كىيىن، تىرامپدىن ياردەم سوراشقا بۇرۇلدى. نىتانىياخۇ باياناتىدا تىرامپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر