- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز 2018- يىلى G5 تور تېخنىكىسىنى سىناش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ
2016.12.28 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- دېكابىر، گوۋۇيۈەن 13- بەش يىللىق پىلانىنىڭ مەملىكەتلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى رەسمىي بېسىپ تارقىتىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئۇچۇر كەسپىدىن كىلىدىغان كىرىم كۆلىمىنى 26 تىرلىيون 200 مىليارد يۈەنگە ۋە ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمىنى ئالتە تىرلىيون يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئېلېكترونلۇق سودا كۆلىمىنى 38 تىرلىيوندىن ئاشۇرۇش، توردا پارچە سېتىش سوممىسىنى 10 تىرلىيون يۈەنگە يەتكۈزۈش پىلانلاندى. مەزكۇر پىلاندا يەنە 2018- يىلغا كەلگەندە G5 تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، G5 تور تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، كىيىنكى ئەۋلاد رادىئو-تېلېۋىزىيە تورىنى قۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تىزلەشتۈرۈپ، كىيىنكى ئەۋلاد ئىنتېرتېت تورىنىڭ سودىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسى تور بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى تور بىخەتەرلىك خەۋىپىدىن ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر