- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«دۆلەت تور بوشلۇقى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» ئېلان قىلىندى
تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2016.12.28 16:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 27-دېكابىر «دۆلەت تور بوشلۇقى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلدى. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «ئىستراتېگىيە»دە جۇڭگونىڭ تور بوشلۇقى تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم مەيدانى ۋە تەشەببۇسى شەرھلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېن ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى بېكىتىلىپ، دۆلەتنىڭ تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىدى، بۇ دۆلەتنىڭ تور بوشلۇقى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
«ئىستراتېگىيە»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك دۆلەت تور بوشلۇقى بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ـــ تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، توردىكى تېررورلۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، تور ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تور بىخەتەرلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، تور بوشلۇقى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق توققۇز تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئىستراتېگىيە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭى ۋە كىرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىككى ئومۇمىيەتنى، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائال مۇداپىئەلىنىپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تور بوشلۇقىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق، تەرتىپلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، تور قۇدرەتلىك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر