باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «<13-بەش يىل>لىق دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى

2016.12.28 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<13-بەش يىل>لىق دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى. «يىرىك پىلان» «13-بەش يىل»لىق دۆلەت يىرىك پىلان سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە جايلار، تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل» مەزگىلى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنىڭ رىقابەتلىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، ئېلىمىزنىڭ تور چوڭ دۆلىتىدىن تور قۇدرەتلىك دۆلىتىگە، دۇنيا ئالاقە تورىنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلىنىشىنىڭ ھالقىلىق كۆزنەك مەزگىلى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەگىشىپ، تەڭ يۈگۈرۈشتىن ئالدىدا يۈگۈرىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى ئالدىن ئىشغال قىلىدىغان كەسكىن رىقابەتلىشىش مەزگىلى، شۇنداقلا ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك بىرلىشىپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ ماسلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش مەزگىلى، چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇچۇر ئىنقىلابى دولقۇنىغا پائال ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، يادرولۇق تېخنىكىدىكى كەمچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ قوزغىتىش، يېتەكلەش رولىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ھالقىلىق تەلەپلەرنى زور كۈچ بىلەن قاندۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر