باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش بويىچە 500 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتىش ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2016.12.28 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 27-دېكابىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 5-ئايدىن 11-ئايغىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان تۆت چوڭ ساھە 640 مىليارد يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغان، بۇنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تىجارەت بېجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 110 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئازلاپ، باج سېلىقى %14.7 تۆۋەنلىگەن.

  يېڭىدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنغان تۆت چوڭ ساھە ئىچىدە، بىناكارلىق كەسپىنىڭ 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن بېجى كېمەيتىلىپ، باج سېلىقى %3.75 تۆۋەنلىگەن؛ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ 11 مىليارد 100 مىليون يۈەن بېجى كېمەيتىلىپ، باج سېلىقى %7.9 تۆۋەنلىگەن؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ 36 مىليارد 700 مىليون يۈەن بېجى كېمەيتىلىپ، باج سېلىقى %14.72 تۆۋەنلىگەن؛ تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ 56 مىليارد 200 مىليون يۈەن بېجى كېمەيتىلىپ، باج سېلىقى %29.85 تۆۋەنلىگەن.

  5-ئايدىن 11-ئايغىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان تۆت چوڭ كەسىپتىن باشقا، ئالدىنقى باسقۇچتا تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەن «3+7» كەسپىنىڭ 110 مىليارد 200 مىليون يۈەن بېجى كېمەيتىلگەن، قوشۇلما قىممەت بېجى كەسپىدىكىلەرنىڭ 118 مىليارد يۈەن بېجى كېمەيتىلىپ، ئۈچ تۈر بويىچە 338 مىليارد 700 مىليون باج كېمەيتىلگەن. بۇنىڭغا 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتىن كېمەيگەن 84 مىليارد 700 مىليون يۈەن باجنى قوشقاندا، 2016-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش بويىچە 423 مىليارد 400 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلگەن.

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ لۇجىن مۇنداق دېدى: شەھەر قۇرۇلۇشى بېجى، مائارىپ قوشۇمچە ھەققى ۋە شەخسىي نىمكەش ئۆيلەرنىڭ بېجىنى كېمەيتىش ئامىلىنى قوشۇپ ئويلاشقاندا، ئالدىنقى 11 ئايدا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش بويىچە 469 مىليارد 900 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلىپ، پۈتۈن يىلدا 500 مىليارد يۈەن باج كېمەيتىش نىشانى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى.

  2017-يىلى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىپ باج كېمەيتىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ. چۈنكى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىياسەت-بەلگىلىمىسى بويىچە، باج تاپشۇرغۇچى 2016-يىلى سېتىۋالغان كۆچمەس مۈلۈكنىڭ %60ى شۇ يىلغا توغرىلىنىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، قالغان %40ى كېلەر يىلى ۋە كېلەر يىلى سېتىۋالغان كۆچمەس مۈلۈكنىڭ چىقىرىۋېتىدىغان %60غا قوشۇلۇپ بىرلىكتە چىقىرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلەر يىلى تۆت ئايدا تۆت چوڭ كەسپىنىڭ باج كېمەيتىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش ئامىلىنىڭ تەسىرىدە باج كېمەيتىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر