باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2016-يىللىق جۇڭگو ئالەم قاتنىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2016.12.28 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 27-دېكابىر «2016-يىللىق جۇڭگو ئالەم قاتنىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 11 مىڭ خەتلىك بولۇپ، كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئىستىكى ۋە پىرىنسىپى، 2011-يىلىدىن بۇيانقى ئاساسلىق ئىلگىرىلەش، كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئاساسىي ۋەزىپىلەر، تەرەققىيات سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرى، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئالەم قاتنىشى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ رىقابەتلىك ۋە كەڭ تۈرتكىلىك خاراكتېرىگە ئىگە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ بىرى، ئالەم قاتنىشى پائالىيىتى ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، تىنچلىق نىشانى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئالەم بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2011-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە بوشلۇققا كىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەمەللەشتۈرۈلۈپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، يەر شارىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش-كۈزىتىش سىستېمىسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بوشلۇق ئىلمى، بوشلۇق تېخنىكىسى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر