باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈچ ئەۋلاد داۋاملاشقان قېرىنداشلىق مېھرى

2016.12.28 16:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ھاۋا ئۆزگەرگەنلىكتىن، 50 ياشتىن ئاشقان ئەكرەم مەمەت زۇكام بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنىدى. شاڭ چىڭلۇ سەھەردىلا ئەكرەمجانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يانغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

  بۇ ئۇيغۇر، خەنزۇ قېرىنداشنىڭ دوستلۇقىنى 50 نەچچە يىل ئاۋۋالدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شاڭ چىڭلۇنىڭ دادىسى 1959 – يىلى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ كېلىپ، قاراماي ئورقۇ رايونلۇق نېفىت گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش باشقارمىسىدا شوپۇرلۇق قىلدى. ئەكرەمجاننىڭ دادىسىمۇ بۇ ئىدارىگە كېلىپ شوپۇرلۇق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئائىلە قوشنا بولغاچقا، بۇ ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ بىللە ئويناپ چوڭ بولدى.

  ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەر يىللىق چاغان، قۇربان ھېيتتا ئىككى ئائىلە ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، بالىلارمۇ كۈندە بىللە ئوينىدى. بىر قېتىم، ئەكرەمجاننىڭ ئاپىسى ئاغرىپ قالدى، دادىسى سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقاچقا ئۆيگە قايتىپ كېلەلمەيتتى، ئۆيدىكى ئۈچ بالىغا تاماق ئېتىش كېرەك. شاڭ چىڭلۇنىڭ ئاپىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەكرەمجاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماق ئېتىپ، ئۆيلەرنى تازىلاپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. شاڭ چىڭلۇنىڭ دادىسىمۇ دائىم سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئەكرەمجاننىڭ دادىسىمۇ دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىشلارغا ياردەملەشتى.

  ئەكرەمجان 1970 – يىلى ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلدى، شاڭ چىڭلۇنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ كۇچاغا كەلدى. 1975 – يىلى ئەكرەمجان يەنە ئاتا – ئانىسىغا ئەگىشىپ كۇچاغا كەلدى، ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشمىگەن ئىككى بالا بىر كۆرۈشۈپلا خۇشاللىقىدا قۇچاقلىشىپ كېتىشتى. ئىككىسى بىللە مەكتەپكە بېرىپ، بىللە قايتىپ، ھەتتا ئوينىسىمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلمايتتى. بۇ ئىككى بالا 1979 – يىلى پوسكام نېفىت تېخنىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىردى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككىسى تەڭلا قاراماي نېفىت ئېلىش 3 – زاۋۇتىغا تەقسىم قىلىندى.

  20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئەكرەمجان بىلەن شاڭ چىڭلۇ شەرقىي جۇڭغاردا نېفىت ئېلىش بىرلەشمە جېڭى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىرلىكتە شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكىگە يۆتكىلىپ كەلدى. شاڭ چىڭلۇ خۇشاۋشەن(كۆيگەن تاغ) تېغى نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدا، ئەكرەمجان شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكى بازىسىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئەترىتىدە ئىشلىدى.

  2011 – يىلى ئىسسىقلىق ساقلاش ئەترىتى تارقىتىۋېتىلگەچكە، ئەكرەمجان كۆيگەن تاغ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدا ئىشلەشكە ئىلتىماس قىلىپ كەلدى. ئەكرەمجان شاڭ چىڭلۇ تۇرغان گۇرۇپپىغا تەقسىم قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى، ئىككىسى بىر ياتاقتا يېتىپ، كىچىك ۋاقتىغا قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىشتى. ئىككىسىنىڭ قېرىنداشلاردەك مېھىر – مۇھەببىتى ھەمىشە بىللە يۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  ئەكرەمجان بۇ ئەترەتتە شاڭ چىڭلۇدىن باشقا ھېچكىمنى تونۇمايتتى. ئۇنىڭ يېشى چوڭ بولغاچقا خىزمەتداشلىرى بىلەن بەكرەك ئارىلىشىشى تەسكە توختىدى. شاڭ چىڭلۇ بۇنى ھېس قىلىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تاماق يەپ، كىنو كۆرگەندە دائىم ئەكرەمجاننى ئېلىۋالدى، ئۈچ ئايغا بارمايلا ئەكرەمجان نېفىت ئېلىش ئەترىتىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرى بىلەن چىقىشىپ كەتتى. 2012 – يىلى 4 – ئايدا 49 ياشلىق ئەكرەمجان ئالىي ئىشچىلىق ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولغاندا، شاڭ چىڭلۇ ئەكرەمجاننىڭ كۆڭلىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى، خىزمەتتە دىققىتىنىڭ چېچىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تاقەتسىزلەندى.

  ‹‹ئەكرەمجان، بىز نېفىت ئىشچىلىرى ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان تۇرۇقلۇق ئالىي ئىشچىلىق ئىمتىھانى بىزنى قورقۇتالامتى؟ ھازىردىن باشلاپ سەن سوئالنىڭ جاۋابلىرىنى ياخشى يادلاپ، مەشغۇلاتنى ئوبدان قىلساڭ ئىمتىھاندىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىسەن››، دېدى شاڭ چىڭلۇ.

  شاڭ چىڭلۇ شۇ كۈندىن باشلاپ ئەكرەمجاننىڭ ‹‹ئوقۇتقۇچىسى›› بولۇپ، ئەكرەمجاننىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىشىغا ياردەم بەردى. شاڭ چىڭلۇنىڭ چىڭ تۇتۇشى بىلەن ئەكرەمجان نەزەرىيە ئىمتىھانىدا 100 نومۇر، ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھانىدا 90 نومۇر ئېلىپ، ئالىي ئىشچىلىق ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. كۆپچىلىك ئەكرەمجاننىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن: ‹‹نەزەرىيە ئىمتىھانىدا 100 نومۇر ئالدىڭىزما؟ بەك قالتىسكەنسىز جۇمۇ›› دېيىشتى. ئىككى قېرىنداشنىڭ دوستلۇقى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شاڭ چىڭلۇنىڭ ئوغلى شاڭ جېنكەي ئەكرەمجاننىڭ ئوغلى مەمەتئېلىنىڭ ‹‹ئاكىسى››، بۇ ئىككى بالىمۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ياخشى دوستلاردىن.

  2014– يىلى 11 – ئايدا مەمەتئېلى قارامايغا كېلىپ تەربىيەلەشكە قاتناشتى. ئۇ، بۇ ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەش كۇرسى جەريانىدا ئىزچىل شاڭ جېنكەينىڭ ئۆيىدە تۇردى، شاڭ جېنكەي ھەر كۈنى ئاپتوموبىل بىلەن ئۇنى ئاپىرىپ، ئەكەلدى.

  شاڭ جېنكەي بۇلتۇر 6 – ئايدا توي قىلىپ، قارامايدا ئۆي تۇتتى، شاڭ جېنكەي ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىر ياتاق ئۆينى مەمەتئېلىغا ئاجرىتىپ بەردى. مەمەتئېلى ھازىر قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونىنىڭ قۇدۇق رېمونت قىلىش ئەترىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ، ھېيت – بايرام كۈنلىرى مەمەتئېلى شاڭ جېنكەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى، شاڭ جېنكەينىڭ ئايالىمۇ ئۇنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆردى.

  57 يىلدىن بۇيان، شاڭ چىڭلۇ بىلەن ئەكرەمجاننىڭ ئاتا – ئانىلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىچە داۋاملاشماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر