باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى، دېدى

2016.12.29 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن 28-دېكابىر، قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى تەيۋەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى؛ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنىڭ ئەڭ زور تەھدىتى، «قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش» چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

  بىر مۇخبىر: يېقىندا، بەزى ئالىملار، تەتقىقاتچىلار ئىككى قىرغاقنى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بارغانسېرى كىچىكلىمەكتە، دېيىشمەكتە، باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئەن فېڭشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلىپ، بەس-بەستە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، بىزنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەيدانىمىز ئېنىق، ئىزچىل. بىز ئەڭ زور سەمىمىيلىك، ئەڭ زور تىرىشچانلىق ئارقىلىق، تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەيدانىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىل، ھەرقانداق نام بىلەن تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر