خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستانلىق تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى، 25 ياشلىق نىلۇفەر راھمان 22- دېكابىر ئامېرىكىدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئۇچۇش مەشىقىنى تاماملىغاندىن كىيىن، 24- دېكابىر ئافغانىستانغا قايتىپ ھاۋا ئارمىيەسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئۇ بىخەتەرلىكىم تەھتىدكە ئۇچرىدى دىگەن باھانە بىلەن دۆلىتىگە قايتىشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىدا پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىپادە بىلدۈرپ، نىلۇفەر راھمان يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، دىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى