باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چىكاگودىكى قانلىق روژدېستۋو بايرىمىدا 27 قېتىم ئوق چىقىرىش دېلوسى يۈز بېرىپ، 12 ئادەم قازا قىلدى

2016.12.29 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ قېتىملىق روژدېستۋولۇق دەم ئېلىش مەزگىلى چىكاگودا ئانچە تىنىچ ئۆتمىدى. ئېسەنلىك كېچىسى ۋە روژدېستۋو بايرىمى كۈنى، ئامېركىنىڭ بۇ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرىدە جەمئىي 27 قېتىم ئوق چىقىرىش دېلوسى يۈز بېرىپ، 12ئادەم قازا قىلدى.

  چىكاگو ساقچى تەرەپ چوڭ ئەمەلدارى ئەيدى جونسون 26- دېكابىر مۇنداق دېدى: ئوق چىقىرىش دېلوسى ئاساسلىقى گوروھلار توقۇنۇشى مەۋجۇت بولغان چىكاگونىڭ غەربى ۋە جەنۇبى شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، كۆپ قىسىمى قارا گوروھلار ئوتتۇرىسىدىكى قاراتمىلىققا ئىگە ھۇجۇم ھىساپلىنىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى ئۆزىگە دۈشمەن بولغان گوروھ ئەزالىرىنىڭ «ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بايرامنى تەبرىكلەيدىغانلىقى»نى ئىنىق بىلگەندىن كىيىن، ئالدىن پىلانلانغان ئوق چىقىرىش دىلوسىنى سادىر قىلىپ، تەلۋىلەرچە ئۆچ ئېلىشنى قوزغىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر