باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ھەر يىلى مەمۇرلارنى تەربىيەلەشنىڭ 12 كۈندىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.12.29 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى 28-دېكابىر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، «13 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا قارىتا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر يىللىق تەربىيەلىنىش ۋاقتىنىڭ 12 كۈن ياكى 90 سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ «<13 ـ بەش يىل>لىق پىلان مەزگىلىدە مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنى تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نى تارقاتتى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: «13 ـ بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلام ۋە ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى ۋە ئورگان ئاساسىي ئىش ئورنىدىكى مەمۇرلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتلىك تەربىيەلەش بايلىقىنىڭ «قوش ئاساسىي قاتلام»غا مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ۋە تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش لازىم.

  «قوش ئاساسىي قاتلام»دىكى مەمۇرلارنى تەربىيەلەشنى يىللىق تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «قوش ئاساسىي قاتلام»دىكى ھەر بىر مەمۇرنىڭ ھەر يىلى كەم دېگەندە ئالتە كۈن ئىشتىن ئايرىلىپ تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكىلەر ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەشكىللىشى ۋە قانات يايدۇرۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر