باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىنقى 11 ئايدا مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىشقا چېتىشلىق زوراۋانلىق جىنايى دېلوسىدىكى 1114 كىشىنى قولغا ئېلىش تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.12.29 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيې تۆنۈگۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى 1- ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى قۇبۇل قىلغان مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىش ۋە زوراۋانلىق جىنايەت دىلولىرىغا چېتىشلىق 1881 كىشى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشقا سۇنۇلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 1114 كىشى قولغا ئېلىشقا تەستىقلانغان؛ 3697 كىشى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2337 كىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان.

  جاڭ جيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەركەز «ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى، ئارقىدىن گوۋۇيۈەن «مەكتەپلەردە بوزەك قىلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مەكتەپلەردە بوزەك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى؛ 11-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق توققۇز مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ يەنە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىنىش ۋە زوراراۋانلىققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەپتىش فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىشنى مەخسۇس تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىنىش ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر