باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2017.01.03 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا بېرىپ، باج كەچۈرۈم قىلىنغان سودا سارايلارنى ئايلىنىش ئەمدى پەقەت تەسەۋۋۇردىكى ئىش بولمايدۇ، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 2018-2019-يىللىرى ئىش باشلىنىدۇ.

  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ماسلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىن ئىبارەت بۇ تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئۆتۈشمە يول ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىككى يول ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ غول يول قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش-ئۆتۈشۈش كۈچەيتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا يول ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈشتە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن-غۇلجا-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ھازىر بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2018-، 2019- يىللىرى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىنىدۇ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 687 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 82 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى راۋان بولۇپ، يول بويى غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىگەندە ئىلى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر