باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.12.30 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ماقۇللىنىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۆلەت قۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تايانچى بىلەن تەمىنلەش؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال پايدىلىنىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، قولايلىق بولغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئېلىمىز مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە مائارىپنى داۋاملىق ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. يىغىندا، دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ماقۇللىنىپ، مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، غەربىي رايون، نامرات رايون، كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى زورايتىش كېرەك. نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ بويىچە نامراتلارنى يۆلەشتە قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، نامرات رايوندىكى ھەر بىر مەكتەپنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مەكتىپى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مېيىپ ئۆسمۈرلەر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن بالىلار، ئامانەت بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ باراۋەر بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتى بار ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى «دەرس تاللاش تۈزۈمى»، «سىنىپ تاللاپ ئوقۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشكەن كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئوقۇتۇش بايلىقىنى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش رايونى، كەسىپ توپلانما رايونى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتىپ، ئېلاستىكلىق ئۆگىنىش، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى ۋە ئاساسىي كەسىپ بىلەن قوشۇمچە كەسىپ تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان تولۇق كۇرۇس ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئادەتتىكى ئوقۇش ۋە بىر تۇتاش ئىمتىھان، ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسىنى ئاساس قىلىدىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنى ئىچكى قىسمىدا تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلارنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئاۋام مائارىپىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي تېخنىكا تۈرىدىكى ئالاھىدە مەكتەپلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا قوللىنىشچان ۋە تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە مايىللىشىشنى ئاساس قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، مائارىپنىڭ ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە ئەلئارا كاپىتاللارنى مەكتەپ ئېچىش ۋە مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پايدا ئالىدىغان ۋە پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى مەكتەپلەرنى پەرقلىق يۆلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ قۇرۇش چارىسىنى قانۇن بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زور سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئالاقە تورى + مائارىپ» تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىنى تەڭ قۇرۇپ، تەڭ بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر