باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

40تىن ئارتۇق شەھەردە 100 مىڭ نەپەر تور ئەھلى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ

2016.12.30 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى بىر يىل باشلانغاندا، ھەممە يېڭى تۈس ئالىدۇ. 12- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن كىلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، مەملىكىتىمىزدە 40تىن ئارتۇق شەھەردىكى 100 مىڭ نەپەر تور ئەھلى يىل ئاتلاش ھارپىسىدا سىرتقا يىغىلىپ، خەلق تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۇيۇشتۇرغان «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئەتىگە قەدەم تاشلاش» تېمىسىدىكى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. بۇ، «جۇڭگونىڭ ئەڭ شەرقى» بولغان فۇيۈەن شەھىرىدىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى چىڭخەي كۆلىگىچە، شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يۆلۇشەن تېغىدىن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىغىچە بولغان ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇقەددەس زىمىندا يارقىن ۋە ئۆزگىچە مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

  1997- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، خەلق تورى رەسمىي قۇرۇلغان ئىدى. 20 يىلدىن بۇيان، خەلق تورى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم بايلىقى ۋە ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توردىكى جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىدە «يول باشلىغۇچى»، «باشلامچى» ۋە «مۇستەھكەم تۆۋرۈك، دانا تەدبىر»لىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. قۇرۇلغىلى 20 يىل بولغان پەيتتە، «<ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان تېزىسى» ۋە «گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭىنىڭ چېنىقىش ۋە ئىستىراھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرى»نى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان چېنىقىش ۋە ئىستىراھەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىپ، ئاممىنى ھەرىكەتكە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، خەلق تورى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئەتىگە قەدەم تاشلاش» پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلق تورى يەرلىك شىركەتلىرى ئۇيۇشتۇرىدۇ. تورداشلار خەلق تورى يەرلىك قانىلى تور بېكىتىنىڭ باش بېتى، يەرلىك قاناللارنىڭ مىكرو بىلوگلىرى، ئۈندىدار جامائەت نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسە بولىدۇ. بۇ پائالىيەت 12- ئايدا قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىنكاس كۈچلۈك بولدى، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر, 40 نەچچە شەھەردە 100 مىڭ نەپەر تور ئەھلى بەس-بەستە تىزىملىتىپ قاتناشتى.

  ۋاقتى كەلگەندە, خەلق تورى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى يۇغۇرۇلما تاراتقۇلار ئاقىلىق ۋاقتىدا ئەينەن خەۋەر قىلىدۇ، تورداشلار ئارقىلىق خەلق تورى، يانفون خەلق تورى، خەلق تورىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگى، خەلق تورى ئۈندىدار جامائەت نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

  «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئەتىگە قەدەم تاشلايلى». 2017- يىلى، بىز كەلدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر