باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى باھالاپ چىققان 2016-يىللىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئون چوڭ خەۋەر

(ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)

2016.12.29 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تىجارەت باشلىدى

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى، كېڭەش يىغىنى ۋە مۇدىرىيەت يىغىنى تەسىس قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۇنيا بويىچە تۇنجى جۇڭگو تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تىجارەت باشلىدى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت باشلىشى ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنى پائال جانلاندۇرۇش رولى ئوينايدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە تۆت تۈر ماقۇللىنىپ، 509 مىليون دوللار قەرز ئالدى.

  2. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونى قۇرۇلدى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش رايونى قۇرۇش يىغىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى، غەربىي ئۇرۇش رايونى، شىمالىي ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونىغا ھەربىي بايراق بەردى ۋە يوليورۇق چۈشۈرۈپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى، غەربىي ئۇرۇش رايونى، شىمالىي ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونى قۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇش __ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى مەۋقە قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك قارارى، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرى.

  3. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

  ئېلىمىز 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى بىناكارلىق، ئۆي-مۈلۈك كەسپى، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىگىچە كېڭەيدى ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆچمەس مۈلكىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بارلىق كەسىپنىڭ باج سېلىقىنىڭ يېنىكلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا مۇھىم بىر قەدەم ئالغانلىقى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن 371 مىليارد 700 مىليون يۈەن باج كېمىيىپ، پۈتۈن يىلدا 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنىڭ كېمىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  4. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز 95 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ دەسلەپ پارتىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى كۈرەش روھىنى ۋە خەلققە بولغان ساپ قەلبىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە، خىرىسقا يۈزلىنىشىمىز، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  5. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئارىدىن 12 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى، پۈتۈن دۇنيا نەزىرىنى تىككەن 31-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 3:1 نەتىجە بىلەن سېربىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئارىدىن 12 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، كارامەت نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى ئىرادە پەزىلىتى ۋە مەردانە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. 1 مىلياردقا يېقىن جۇڭگو تاماشىبىنى نەزىرىنى رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تىكتى. ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشى مىللىي روھنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ روھى»نى ئۆگىنىش يېڭى دولقۇنى قوزغىدى.

  6. G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

  20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم G20 باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «يېڭىلىق يارىتىشچان، ئىچىۋېتىلگەن، ھەمتۈرتكە بولغان ۋە سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش» بولدى. يىغىندا «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى» قاتارلىق 28 ھۆججەت ماقۇللىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام ئېشىش يولىنى تۈپتىن ئىزدەش قارار قىلىندى. G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم ساھىبخانلىق دىپلوماتىيەسى بولۇپ، بىر قاتار پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

  7. «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن «ئەرش ئوردىسى-2» مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى

  «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىپ، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقتى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى «ئەرش ئوردىسى-2» بىلەن ئاپتوماتىك تۇتىشىشنى تاماملىدى. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمىسى يەرگە قوندى. ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن «ئەرش ئوردىسى-2»نىڭ بىرىكمە تېنىدە 30 كۈن تۇرۇپ، بىر قاتار بوشلۇق ئىلىمى تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا تەجرىبىلىرىنى تاماملاپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتى رېكورتىنى ياراتتى.

  8. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە كالىبىرلىق رادىيو تېلېسكوپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

  دەرىجىدىن تاشقىرى «ئاسمان كۆزى» دېگەن نامى بار 500 مېتىر دىيامېتىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى گۇيجۇ ئۆلكىسى پىڭتاڭ ناھىيەسىدىكى كارست ئازگىلىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئالەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كەلگەن ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىلىم-پەندە مۇھىم زور ئىجادىي بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ «ئاسمان كۆزى» 500 مېتىر دىيامېتىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ قۇرۇلۇشى ئويىنى ئېلىمىز ئاسترونوملىرى 1994-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىق قىلىشتىن قۇرۇپ چىققىچە 22 يىل سەرپ قىلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە كالىبىرلىق، ئەڭ سەزگۈر رادىيو تېلېسكوپى ھېسابلىنىدۇ.

  9. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى بېسىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرى «ئىككى 100يىل» كۆرۈش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  10. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا نۇقتا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا مۇجەسسەملەندى

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە « پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بۇ يىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىردىن 28ى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازالاندى. 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3894ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 5550 كىشى جازالاندى، 3987 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر