باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك «1-ئاۋغۇست» مەكتىپىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى پەن-تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىش، پەن-تېخنىكىنى سۆيۈش، پەن-تېخنىكىنى ئۆگىنىش، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى

تىرىشىپ ۋەتەننىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن بولۇڭلار

2016.12.29 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك «1-ئاۋغۇست» مەكتىپىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يازغان جاۋاب خېتى:

  «1-ئاۋغۇست» مەكتىپىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۆمىكىدىكى ساۋاقداشلار:

  ياخشىمۇسىلەر! سىلەر لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھىنى لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقى بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى سىناق بولۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش قىزغىنلىقىڭلار ۋە باتۇرلۇقۇڭلاردىن سۆيۈندۈم.

  ماڭا يازغان خېتىڭلاردا بۇ كىچىك سۈنئىي ھەمراھنىڭ چولپان يۇلتۇزدەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا يولىدا ئىزدىنىش قىزغىنلىقىڭلارنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش ئۈمۈدىڭلارنى ئىپادىلەپسىلەر. سىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىڭلار، چوڭقۇر ئىزدىنىش ھەۋىسىڭلارنى ساقلاپ، ئىلىم-پەن روھىنى يېتىلدۈرۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىشى، پەن-تېخنىكىنى سۆيىشى، پەن-تېخنىكىنى ئۆگىنىشى، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يېڭى يىل كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، سىلەر ۋە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن.

  شى جىنپىڭ

  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا، «1-ئاۋغۇست» مەكتىپىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەر لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھىنى لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقى بىې قېتىملىق ناھايىتى ياخشى سىناق بولۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش قىزغىنلىقىڭلار ۋە باتۇرلۇقۇڭلاردىن سۆيۈندۈم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر