باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۆت يىل ئىچىدە نامرات ئاھالىنى مائارىپ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2016.12.30 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 29-دېكابىر «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش <13- بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، نامرات رايونلار مائارىپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالىنى مائارىپ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر قايسى مائارىپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرگەندىن پۈتكۈزگىچە پۈتۈن مۇساپىلىك تولۇق ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، نامرات ئائىلىلەر بالىلىرىنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە بارالايدىغان بولۇش، بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىرىك پىلاندا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇش، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دۆلەت ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلىرىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئايرىم تۈزۈپ، ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىش، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىپ، يۇرتىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش لازىم.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە، ئارخىپ-كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالىلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسى، ياردەم بېرىش سېستىمىسى قاتارلىق مائارىپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېگى-تەكتىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغىنىڭ دەل جايىدا تارقىلىشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر