باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لېي ياڭ دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچى خادىملىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى

2016.12.30 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ج ك پ چاڭپىڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 29-ئۆكتەبىر، لېي ياڭ دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچى خادىملىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  تەپتىش ئورگانلىرى شىڭ يوڭرۈي قاتارلىق بەش كىشىنىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشقا چېتىشلىق جىنايىتىنى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ج ك پ چاڭپىڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام-بەلگىلىمە بويىچە، چاڭپىڭ شۆبە ئىدارىسى دوڭ شياۋكۇ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىڭ يوڭرۈينى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن قوغلاش جازاسى بەردى؛ خەلق ساقچىسى كوڭ لېيغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىش ئورنىدىن يۆتكۈۋېتىلدى؛ ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە لېي ياڭ دېلوسىغا چېتىشلىق بىر ياردەمچى ساقچى ۋە ئىككى ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ ئەمگەك توختامى بىكار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر