خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ھەربىي تەرەپ 29-دېكابىر، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇرۇش توختىتىش شۇ يەر ۋاقتى 30-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
سۇرىيە ھەربىي تەرەپ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش توختىتىش ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىرقانچە ئۇرۇش لىنىيەسىدە غەلىبە قازانغان ئارقا كۆرۈنۈشتە يولغا قويۇلغان، ئۇرۇش توختىتىش سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.
سۇرىيە ھەربىي تەرەپ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇرۇش توختىتىش رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «بويسۇندۇرۇش فرونتى» ۋە ئۇلارغا قاراشلىق قوراللىق مەزھەپلەرگە قارىتىلغان ئەمەس.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى