باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلاردىن 20 كىشىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

2017.01.03 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنقەرە خەۋىرى: تۈركىيە ئانادولو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بىر بەزمىخانىسىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 20 كىشىنىڭ توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق يەتتە كىشى، ئىراقلىق تۆت كىشى، ھىندىستانلىق ئىككى كىشى، تۇنىسلىق ئىككى كىشى، شۇنىڭدەك سۇرىيە، كانادا، ئىسرائىلىيە، لىۋان ۋە كۇۋەيتتىن بىردىن كىشى ئىكەن.

  تۈركىيە جامائەتچىلىكى: ئۆلگەن ۋە يارىلانغان چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى تۈركىيەنىڭ ئاللىقاچان تۆۋەنلەپ كەتكەن ساياھەتچىلىك كەسپىگە يەنىمۇ زەربە بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتى.

  بۇنىڭدىن سىرت، رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» 2-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بەزمىخانىسىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكىچە، تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ تېخى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. تۈركىيە ساقچى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سەككىز جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاللىقاچان قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر