باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017- يىللىق يېڭى يىل تەبرىك سۆزى بايان قىلدى

2017.01.01 11:38   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017- يىللىق يېڭى يىل تەبرىك سۆزى بايان قىلدى

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى, مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى, جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق، 2017- يىللىق يېڭى يىل تەبرىك سۆزى بايان قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى, مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى, جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى) ۋە ئېنتىرنېت تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق، 2017- يىللىق يېڭى يىل تەبرىك سۆزى بايان قىلدى. تەبرىك سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2016- يىلى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان مۇشۇنداق ياخشى پەيتتە، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى رايونلاردىكى دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن.

  2016- يىل, جۇڭگو خەلقىگە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، شۇنداقلا ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. «13- بەش يىللىق پىلان»نى ئوڭۇشلۇق باشلىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ تەرققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ داۋاملىق تۈردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پائال تۈردە تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلما ئىسلاھاتى جەھەتتە مۇھىم قەدەم باستۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. ھەرقايسى ساھەلەردىكى تۈۋرۈك خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىۋالدۇق. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ, ئەدىلىيە ئادىللىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىدۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «چىۋىنگىمۇ، يولۋاسقىمۇ تەڭ زەربە بېرىش»تە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى داۋاملىق ساپلاشتۇردۇق، نەتىجىدە، پارتىيە ئىستىلى, ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات داۋاملىق تۈردە ياخشىلانماقتا.

  2016- يىلى, «جۇڭگو ساما كۆزى» قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «ۋۇكۇڭ» ناملىق ئۇچقۇچ ئۆز ئوربىتىسىدا ئۇچۇپ يۈرگىلىمۇ بىر يىل بولۇپ قالدى، «موزى» ناملىق ئۇچقۇچمۇ ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ چىقتى، شېنجوۋ ئونبىرىنچى (خاسىيەتلىك كېمە 11- نومۇرلۇق) كېمىمىز تيەنگۇڭ ئىككىنچى(ئەرش ئوردىسى 2- نومۇرلۇق) سۈنئىي ھەمراھىمىز بىلەن بىرگە يۇلتۇزلار ئارىسىدا ساياھەت قىلدى، جۇڭگونىڭ ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى يەنە شەرەپ قۇچتى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 12 يىلدىن كېيىن ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئەڭ ئالىي مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقتى... يەنە، ئىسلاھات ئارقىلىق، يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشى تېخىمۇ قولايلىق بولدى، نۇرغۇن نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش شارائىتى ياخشىلاندى، پۇقرالار باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە چېپىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئۇزاق مۇددەت نوپۇسى يوق بىر قىسىم كىشىلەر نوپۇسقا ئېلىنالايدىغان بولدى، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بار بولدى، ھەر بىر دەريانىڭ «دەريا باشلىقى» بار بولدى، بۇلار بىزنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى.

  2016- يىلى, گۈزەل شىخۇ كۆلى بويىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەغدىم قىلدۇق، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭگو تەسىرى ۋە جۇڭگو روھىنى نامايان قىلدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بىز تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، زېمىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى قەتئىي قوغدىدۇق. كىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇنى-بۇنى دېمەكچى بولسا، جۇڭگو خەلقى ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  بۇ بىر يىلدا, نۇرغۇن جايلاردا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى، بىز بەك قايغۇردۇق. جۇڭگو تېنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى بىر نەچچە نەپەر يولداش باتۇرلارچە قۇربان بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى،بىز ئۇلارنى ئەسلەيمىز, ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك.

  2016- يىل, بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پېشقەدەملەرنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز لازىم.

  «يېڭى بىلەن كونا بىر-بىرىنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەڭگۈ ياشنايدۇ». يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2017- يىلىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش, ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش, ئومۇميۈزلۈك تۈردە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ. ئاسماندىن بىكارلىق توقاچ چۈشمەيدۇ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرەر مىللەتنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ! بىر يىلدىن بۇيان, يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلار، جاپا چەكتىڭلار، مەن سىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. يېڭى يىل ھارپىسىدا، مەن ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىش يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشى بولىۋاتىدۇ. ئۇلار يەيدىغىنى قانداق، تۇرالغۇسى قانداق، يېڭى يىلنى ۋە چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزەلەمدۇ-يوق. مەنمۇ بىلىمەن، بىر قىسىم ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسى, دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت نامرات ئاھالىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ،تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل قىلىشىمىز لازىم.

  يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە بولسا غەلىبە قۇچاق ئاچىدۇ. بىز بىر مىليارد 300 مىليون خەلق بىر ياقىدىن باش چىقارساقلا، پارتىيەمىز مەڭگۈ خەلقى بىلەن بىللە تۇرۇپ، يەڭنى تۈرۈپ، تىرىشىپ ئىشلىسىلا، بىز چوقۇم بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىز باشلىغان ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى ماڭالايمىز.

  جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن «دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت ئوخشاش، بارچە خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، يەنە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ياخشى تۇرۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. نۆۋەتتە, ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە نامراتلىق يەنىلا بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا، كېسەللىك ۋە ئاپەتلەرمۇ ھەر ۋاقىت نۇرغۇن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلماقتا. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت ئۆز ئارا تەقدىرداش بولغان ئورتاق بىر گەۋدىدۇر، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، بىزنىڭ بۇ دۇنيارىمىزنى تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن، يېڭى يىللىق قوڭغۇراق ساداسىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى!

  كۆپچىلىككە رەھمەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
    ·خەلق تورىدا «ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى» ئېلان قىلىندى
    ·شىنجاڭدا 2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 26 مىڭ ئادەم تىزىملاتت…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «13-بەش يىل»لىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەر…
    ·تۇمان-تۈتەك ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، 4G تورى ئارقىلىق ئوقۇتۇش «كارامىتىنى كۆرسەتتى»
    ·تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئاتاقلىق ئەربابلار بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى توغرىسىدا توختالدى
    ·ئالىپوف ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بولدى
    ·مىرزىيايېف قەسەم بېرىپ ئۆزبىكىستان زوڭتۇڭى بولدى
    ·قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى