باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، «چوڭ ئوكيانۇس» نەشر قىلىنغانلىقى ۋە «ئوكيانۇس»نىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2016.12.30 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، «چوڭ ئوكيانۇس» نەشر قىلىنغانلىقى ۋە «ئوكيانۇس»نىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەم بۇ ئىككى تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن قان - تەرىنى سىڭدۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئوكيانۇس» ۋە «چوڭ ئوكيانۇس» −− چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال لۇغەت، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى مول ئۇتۇقلارنى سىستېمىلىق نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىش، خەلقنىڭ روھىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىجابىي تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇھىم مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشقا يەنىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر