- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى
2017.01.03 16:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق تۇنجى قېتىملىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تەرەققىيات مۇنبىرى يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە ئون ئالاقىدار مۇتەخەسسىس نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەنى كەلگۈسىدە قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەن تېمىلاردا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. مەزكۇر مۇنبەرنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي ئىنستىتۇتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر