خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- دېكابىر كەچ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2016-2017 «يېڭى ناخشىلىرىمىز بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەر مىللەت تاماشىبىنلار ياڭراق ناخشا، يارقىن مېلودىيە، لەرزان ئۇسسۇل ئىچىدە بىر مەيدان قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن 2017-يىلىنى كۈتۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى