باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇخەندىكى دۆلەت بۈيۈك ساقلىغۇچ بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى ئىش باشلاندى

2017.01.03 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەمئىي 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سېلىنغان دۆلەت بۈيۈك ساقلىغۇچ بازىسى تۈرىدە، يېقىندا ۋۇخەننىڭ دۇڭخۇدىكى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا رەسمىي ئىش باشلاندى. مەزكۇر قۇرۇلۇش 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان ساقلىغۇچ ئۆزەك كەسىپلىرىنىڭ كۆلەملىك راۋاجلىنىشىدىكى سەۋىيەسى «نۆل» بولۇشنى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  بۇ قېتىم قۇرۇلۇش باشلانغان دۆلەت بۈيۈك ساقلىغۇچ بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى ۋۇخەن دۇڭخۇدىكى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋۇخەن كەلگۈسى پەن-تېخنىكا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شارى بويىچە ئورنى پاكىز، كۆلىمى ئەڭ بولغان چوڭ ئۈچ D3 NAND Flash FAB زاۋۇت بىناسى، بىر باش ئىشتاب تەتقىقات بىناسى ۋە باشقا بىر قانچە يانداش قۇرۇلۇش سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ سىجىللىقى 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. بۇ تۈرنىڭ 1-قارارلىق پىلانىدىكى قۇرۇلۇشى 2018-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ تۈر 2020-يىلى پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ھەر ئايدا 300 مىڭ پارچىگە يېتىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر